بىرما ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلار ئارىسىدىكى دىنىي توقۇنۇشتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

بىرمانىڭ غەربىي قىسىمدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلار ئارىسىدىكى دىنىي توقۇنۇشلار نەتىجىسىدە كۆپ ساندا مۇسۇلمانلار ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنغاندىن كېيىن بىرما ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالنى ئېتىراپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.10.28

بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا 90 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ بىر يېزىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرما ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى كونترول قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئېيتىلىشىچە، ھەتتا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلغان بۇددىستلارنى ئوققا تۇتۇپ توختاتقان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، 26 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۇرتىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ مەسىلىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلمەكتە.

ۋىكى قامۇسىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرمادىكى روخىڭياس مۇسۇلمانلىرىنىڭ سانى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلار 200 يىلىدىن ئارتۇق ۋاقىت بېسىمغا ئۇچراپ كەلمەكتە. بىرما ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ھېچقاچان بىرمانىڭ قانۇنلۇق پۇقراسى ھېسابلىمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.