بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا 90 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ بىر يېزىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرما ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنى كونترول قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئېيتىلىشىچە، ھەتتا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلغان بۇددىستلارنى ئوققا تۇتۇپ توختاتقان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، 26 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۇرتىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ مەسىلىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلمەكتە.
ۋىكى قامۇسىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرمادىكى روخىڭياس مۇسۇلمانلىرىنىڭ سانى ئىككى مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلار 200 يىلىدىن ئارتۇق ۋاقىت بېسىمغا ئۇچراپ كەلمەكتە. بىرما ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ھېچقاچان بىرمانىڭ قانۇنلۇق پۇقراسى ھېسابلىمىغان.