بىشكەكتە 'ئاتا يۇرت' پارتىيىسىنىڭ ھىمايىچىلىرى نامايىش قىلدى

يەكشەنبە كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە تېخى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا ئەڭ كۆپ ئاۋاز ئالغان "ئاتا يۇرت" پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى قامچىبېك تاشىيېۋ تەرەپدارلىرى نامايىش قىلىپ، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كېڭېشبەك دۈشەنبايېۋنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە چاقىردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار "دۈشەنبايېۋ ئىستىپا بەرسۇن"، "دۈشەنبايېۋ كەسىپ ئەھلى ئەمەس" دېگەندەك تۈرلۈك پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن.

فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، نامايىشچىلارنىڭ سانى 1500 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلار بارغانسېرى كۆپەيگەن. بىشكەكتىكى ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى نامايىشچى ئاممىغا نىسبەتەن ساقچىلار ھېچقانداق قوپال ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتمەي، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاتا يۇرت پارتىيىسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ نامايىش قىلىشىدىكى سەۋەب، شەنبە كۈنى 50 نەچچە قوراللىق ئادەم ئاتا يۇرت پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى قامچىبېك تاشىيېۋنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنغان.

بۇ ھەقتە قامچىبېك بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قىلمىشنى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ قىلغانلىقى، بۇنىڭدا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسئۇلى دۈشەنبايېۋنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

بۇ يىل 4 - ئايدا بىشكەكتە يۈز بەرگەن نامايىش 6 - ئايدا ئوشتا يۈز بەرگەن توقۇنۇش نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن بىشكەك ۋە باشقا جايلاردىكى پۇقرالار ئارىسىدا يەنە قالايمىقانچىلىق چىقىشتىن ئەنسىرەش كۈچەيگەن ئىدى.