شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا، كوچىلاردا قوراللىق چارلىغۇچىلار يەنە كۆپەيتىلگەن.
ئىدارە-جەمئىيەت، مەكتەپلەرگە ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلۈپ، بۇ مەزگىلدە نۆۋەتچى خادىملار چارلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تۇيۇقسىز يۈز بېرىلىدىغان ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇقتۇرۇلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۆتكەن ھەپتە يەنە تېلېۋىزوردا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، بارلىق قاتناش تۈگۈنلىرىدە «كۆك قالقان كۈز شامىلى ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، قېچىپ يۈرگەن جىنايەت گۇماندارلىرىغا، بېلەت ھايانكەشلىرىگە نۇقتىلىق زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بۇ ئۇيغۇر ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، «ھازىر بىز ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ تىنغۇدەك ھالىمىز قالمىدى. 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، كوچىلاردا ساقچى ئاپتوموبىللىرى، بىرونىۋېك، ھەتتا تىك ئۇچار ئايروپىلانلار چارلايدىغان بولدى. بۇ يىل 7-ئايدا خوتەن ھەم قەشقەردە يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر ھەم بايراملاردا كوچىلار قامال قىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ كوچىلاردا ئەركىن مېڭىشىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىدى. قارىغاندا ھۆكۈمەت قورال كۈچى ئارقىلىق تىنچلىقنى ساقلاشقا كۈچەۋاتسا كېرەك» دېدى.