ئۇ باياناتىدا دادىسىغا قارىتىلغان ئەيىبلىمە بىلەن دادىسىنىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان تەسىرىنىڭ بىر-بىرىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ دادىسىنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا سادىق ۋە پىداكار بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە غايىلىك ۋە پىداكار بىر ئىنسان بولۇش ئۈچۈن تەربىيە بېرىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا دادىسىنىڭ دېلوسىنىڭ نورمال قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
خىتايچە ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرى ۋە ئۇنىڭغا يېزىلغان ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بو گۇاگۇانىڭ بۇ باياناتى بەزى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن نورمال پەرزەنتلىك بۇرچى دەپ قارالسا، يەنە بەزى تور ئەزالىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى. تەنقىدلىگۈچىلەر، بو گۇاگۇانىڭمۇ ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېيل ھېيۋودگە قان قەرزى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ خىيانەت قىلغان پۇلىغا تايىنىپ يەنى خىتاي خەلقىنىڭ قان-تەرىنى شوراپ ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.