گەرچە خىتاينىڭ سوت نىزامىدا، سۇنۇلغان ئەرزلەرگە بىر ئاي ئىچىدە جاۋاب خەت يېزىش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە ھېچكىم ئەرزى قوبۇل قىلىنغانلىقى ۋە بېجىرىلىدىغانلىقى ھەققىدە جاۋاب خەت تاپشۇرۇپ ئالمىغان.
ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بو شىلەي چۇڭچىڭ شەھىرىدە يولغا قويغان «قىزىل ناخشا ئېيتىش-قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە مىڭلىغان سودىگەر، ئەمەلدار، ساقچى ۋە ئادەتتىكى پۇقرا زەربىگە ئۇچرىغان، بۇنىڭ بەزىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ بولغان، بەزىلىرى ھازىر تۈرمىدە، بەزىلىرى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىدا.
ئومۇمەن بۇ ھەرىكەتتە زەربىگە ئۇچرىغان ئادەم سانى 10 مىڭغا يېتىدۇ. بۇنى قايتىدىن تەكشۈرۈش، سوراش بىر چوڭ مەسىلە. گەرچە خىتاي مەركىزى كومىتېتى قارار چىقىرىپ بو شىلەينى ۋەزىپىدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بو شىلەينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى تېخى نامەلۇم.