ئۇ يەنە «خىتاي كومپارتىيىسى باشلامچىلىقىدىكى قانۇن سىستېمىسى پەقەت ماڭا ئوخشاش كىشىلەرگىلا ئەمەس، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغىمۇ تەھدىت قىلماقتا» دېگەن.
ب ب س نىڭ ئېيتىشىچە، چوڭچىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىجۈن بۇ يىل 2-ئايدا چوڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەينىڭ ئەنگلىيىلىك بىر سودىگەرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتلارنى كۆتۈرۈپ ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا كىرىۋالغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ئىچىدە بىر مەھەل سىياسىي بوران-چاپقۇنلار قوزغالغان ۋە نەتىجىدە 4-ئايدا بو شىلەينىڭ تەختى ئاغدۇرۇلغان ئىدى.
ئەي ۋېيۋېي سۆزىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، «بو شىلەي چوڭچىڭدا، قىزىل ناخشا ئېيتىش، قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىشكە ئوخشاش دۆلەتنى ۋەھىمىگە باشلاپ كىرىدىغان ھەرىكەتلەرنى قوزغىغان بىر قارا نىيەت سىياسەتچى. لېكىن بۇ يەردە شۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، گەرچە ئۇ بىر جىنايەتچى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. ئەمما ھازىر ھېچكىم بو شىلەينىڭ ئاقىۋىتىنى بىلمەيدۇ» دېگەن شۇنىڭدەك بۇنىڭ بارلىق خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.