جۈمە كۈنى گۇكەيلەينىڭ قاتىللىق قىلمىشىنى يوشۇرغان 4 نەپەر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ سوتقا تارتىلىشى، بو شىلەينىڭ مەزكۇر دېلودا جازادىن چەتتە قالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزلەرگە يول ئاچتى.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى پارتىيە ئوبرازىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زېدىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم پارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمىدا چوڭ بۆلۈنۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بو شىلەينىڭ مەزكۇر دېلودىكى جاۋابكارلىقىنى كىچىكلىتىش ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازانى يېنىكلىتىشنى پىلانلىماقتا. ئەمما دېلونىڭ ۋەھشىي قاتىللىق، پارىخورلۇق ۋە خىيانەتچىلىك قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىشى، خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرىنى مۈشكۈل ئەھۋالدا قويماقتا.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە چۇڭچىڭدا زور بىر بىر تۈركۈم سىياسىي مەھبۇس ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بو شىلەينىڭ جازالىنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە ۋە بۇنى بو شىلەينىڭ قولى بىلەن جازالانغان ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن تۈرمىدىن ئازاد قىلىنىش پۇرسىتى دەپ قارىماقتا.
