بىرقانچە كۈندىن بېرى بىر قىسىم خىتاي توربەتلىرىدە تارقىلىۋاتقان بۇ خەتكە بۈگۈنگە قەدەر 700 دىن ئارتۇق كىشى ئىمزا قويغان.
خەتتە، بو شىلەينىڭ پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇش قارارىنىڭ قانۇن ۋە ئىنتىزام تەرتىپلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى، بو شىلەيگە ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەتتە مەزكۇر قارار «سىياسىي ھېسسىياتنىڭ تۈرتكىسىدە چىقىرىلغان قانۇنىيلىقى گۇمانلىنارلىق بىر قارار» دەپ تەنقىدلەنگەن ۋە بو شىلەينىڭ جازالىنىشىغا سەۋەب بولغان پاكىتلارنىڭ خەلققە ئاشكارىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان.
خەتتە خىتاي قۇرۇلتىيى بۇ مەسىلىگە ئاكتىپ ئارىلىشىشقا چاقىرىلغان. بو شىلەي ئۆتكەن ئايدا ئەنگلىيىلىك سودىگەر نېيل ھېيۋوودنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە چېتىشلىقى بارلىقى ۋە ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقى سەۋەبلىك پارتىيىدىن ھەيدىلىش جازاسىغا ئۇچرىغان. ئۇ يەنە چىرىكلىك ۋە خىيانەتچىلىك بىلەنمۇ ئەيىبلەنگەن ئىدى.
بۈگۈن خىتايچە ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مەزكۇر ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغانلار، بىر تۈركۈم تور ئەزالىرى دەپ تىلغا ئېلىنغان؛ رويتىرىسنىڭ خەۋىرىدە بولسا «سولچى گۇرۇپپىدىكى كىشىلەر» دەپ يېزىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر خەت «قىزىل جۇڭگو» نامىدىكى بىر تور بەتتە ئېلان قىلىنغان.