خىتاي كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بو شىلەينىڭ پارتىيىدىن چىقارغانلىقى مۇقىملاشتى

4-نويابىر كۈنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىپ، قۇرۇلتاي تەييارلىقى ۋە كۈنتەرتىپىنى پۈتتۈردى.

مەزكۇر 7-ئومۇمىي يىغىن 18-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنىڭ 8-نويابىر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يىغىندا يەنە 18-قۇرۇلتايدىكى مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىمۇ بېكىتىلگەن ھەم پارتىيە نىزامانىسىگە بەزى ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن. بىراق بېيجىڭ بۇ ئۆزگەرتىشلىرىنى ئاشكارىلىمىغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يىغىندا سابىق چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەي بىلەن سابىق تۆمۈر يول مىنىستىرى ليۇ جىجۈننىڭ مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيىدىن چىقىرىپ جازا بېرىلىدىغانلىقى رەسمىي يوسۇندا قارارلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئىككى كىشىنىڭ مەسىلىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى پەقەت پارتىيە ئىچىدىكى تەرتىپ بويىچە بولۇشى بېكىتىلگەن.

بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە بو شىلەينىڭ پارتىيىدىن چىقىرىلىپ، ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا تاپشۇرۇلىدىغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى. ئەمما، بۇ قېتىم بو شىلەي مەسىلىسىنىڭ پارتىيىنىڭ ئىچكى تەرتىپى بويىچە ھەل قىلىنىشى ئۇنىڭ ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىشى-تارتىلماسلىقىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

بو شىلەي ۋە ليۇ جىجۈن ئوخشاشلا پارىخورلۇق، چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاينىڭ كەلگۈسى سىياسىي ئىسلاھات تەقدىرى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەمدە يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشى بىلەن خىتاينىڭ قانداق سىياسىي يۈزلىنىشكە قاراپ ماڭىدىغانلىقى نۆۋەتتە ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر نۇقتىدۇر.