خىتايدا چىقىدىغان "خەلق گېزىتى تور بېتى" دە خەۋەر قىلىشىچە، مەمەتتۇرسۇن رەقىبى چۈئەن يۇڭنەننى 6 گە قارشى 16 نەتىجە بىلەن يەڭگەن.
مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى يېزاباغ كەنتىدىن بولۇپ، دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
مەمەتتۇرسۇن خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگە 8200- يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگىمۇ تاللانغان. ھالبۇكى، مەمەتتۇرسۇن، 5كە قارشى 8نەتىجە بىلەن رۇسىيە ماھىرى كىۋالىيۇفقا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، 16 كۈچلۈككە كىرىشتىن مەھرۇم قالغان ئىدى.
مەمەتتۇرسۇن چوڭ بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 8 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرگەن. مەمەتتۇرسۇننىڭ ترېنېرى ئۇيغۇر بوكس پادىشاھى ئابدۇشۈكۈر ئىكەن. ئۇ، مەمەتتۇرسۇندىن يەنىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.