خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سانجى قاتارلىق جايلىرىدىكى بىر قىسىم يايلاقلىرىدا بۆرىلەرنىڭ قوي-قوزىلارنى يەپ قويۇش ھادىسىسى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن چارۋىچىلار ھەم ئىقتىسادىي، ھەم بىخەتەرلىك جەھەتتىن تەھدىتكە دۇچ كەلگەن.
يېقىندا خىتاينىڭ سانجى ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسى، بىر تۈركۈم چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرىنى ئەتراپتىكى يايلاقلارغا ئەۋەتىپ بۆرىلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتكەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل قىش كىرىش بىلەن بىر تۈركۈم خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى بەزى چارۋىچىلارنى نەق مەيداندا قوراللىق مۇھاپىزەت قىلغان. بۆرە ئاپىتىنىڭ زىيانكەشلىكى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش-تەتقىقات نەتىجىلىرى توغرىسىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن ۋە بۆرىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە «بۆرىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دېگەن بىر نام تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نەق مەيداندىكى كۆرۈنۈشلىرى، بۆرىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى تەشەببۇس ۋە چاقىرىقلار، پات يېقىندا مۇشۇنداق بىر ھەرىكەتنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.