برازىلىيىدىكى بىر كەچلىك كۇلۇبتىكى ئوت ئاپىتىدە 240 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى

برازىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى سانتا مارىيا شەھىرىدىكى بىر كەچلىك كۇلۇبتا 27 - يانۋار كۈنى ئېغىر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 240 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن.


ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 245 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، يارىدارلارمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. تەخمىنەن بىر قانچە 100 ئادەم دوختۇرخانىدا قۇتۇدۇرۇلماقتا. ۋەقە يۈز بەرگەندە كۇلۇبتا 2000 دىن ئارتۇق ئادەم بار ئىدى. مەزكۇر كەچلىك كۇلۇبنىڭ بىرلا چىقىش ئىشىكى بار بولۇپ، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ قېچىپ قۇتۇلۇشى تەسكە چۈشكەن، نەتىجىدە كوپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشى كېلىپ چىققان.

مۇنداق پاجىئەلىك ئوت ئاپىتى ئىلگىرى خىتايدىكى كەچلىك كۇلۇپلاردىمۇ يۈز بەرگەن ئىدى.