نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نامزاتلار مەسىلىسىدە ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان

نورۋېگىيىدىكى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى مەسئۇللىرىدىن Geir Lundestad بۈگۈن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىرى مەسىلىسىدە، نوبېل كومىتېتىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئاشكارىلىغان.

لۇندېستەد ئەپەندى بۈگۈن بىرلەشمە ئاگېنتلىققا بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇ يىڭنىڭ، نوبېل كومىتېتىنى بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىدىن ليۇ شاۋبوغا بەرمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. بىلدۈرۈلۈشىچە، فۇيىڭ يەنە، ئەگەر نوبېل مۇكاپاتى ليۇ شاۋبوغا بېرىلىپ قالسا، بۇنىڭ نورۋېگىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لەندېستەد ئەپەندى مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە، نوبېل كومىتېتىنىڭ نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان مۇستەقىل تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ كومىتېت قارارىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭغا دالاي لامانىڭ تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىگىنى پاكىت سۈپىتىدە بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلقى نوبېل نامزاتلىرى ئارىسىدا مەشھۇر خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىدىن ليۇ شاۋبومۇ بار بولۇپ، ئۇ، 2008 ‏- يىلى "دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلىنىپ 11 يىللىق كېسىلگەن. ئۇ، نۆۋەتتە خىتايدا جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

ليۇ شياۋبو، 2008 ‏- يىلى خىتاينى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشكە چاقىرىپ ئېلان قىلىنغان 2008" خىتابنامىسى" نىڭ لايىھىلىگۈچىلىرى ۋە ئىمزا توپلاشنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى ئىدى. ئەسلىدە ئۇنىۋېرسىتېتتا پروفېسسور بولغان ليۇ شياۋبو، 1989 ‏- يىلىدىكى "تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسى" دىن كېيىنمۇ جازالىنىپ، 2 يىل تۈرمىدە ياتقان.