خىتايدىن بۇ يىل 12 مىڭ 700 كىشى ھەجىگە بارىدىكەن

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل خىتايدىن جەمئىي 12 مىڭ 700 كىشى ھەجىگە بارىدىكەن. ھاجى نامزاتلىرى مۇشۇ شەنبىدىن ئېتىبارەن مەككىگە قاراپ يولغا چىقىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ھاجى نامزاتلىرىنىڭ ھەممىسىگە چوشقا زۇكامىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەيدىغانلىقىنى، ھازىرغىچە نىڭشىيالىق 2 مىڭدىن ئارتۇق ھاجى نامزاتلىرىغا ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەمما شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بۇ يىل ھەجىگە بارىدىغان نامزاتلارنىڭ قايسى مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ سانى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان.

رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج تاۋاپ ئىشلىرىنى قاتتىق قېيىنلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار تارقاق ھەج قىلىشنى پۈتۈنلەي چەكلەش ئۈچۈن بىرىنچىسى كەنت كومىتېتى ئۆتكىلى، ئىككىنچىسى يېزا ‏- بازارلىق ساقچىخانىلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش ئۆتكىلى، ئۈچىنچىسى يېزا ‏- بازار رەھبەرلىرى تەستىقلاش ئۆتكىلىدىن ئىبارەت "ئۈچ ئۆتكەل" نى چىڭ تۇتۇش بويىچە ئىش كۆرۈۋاتقان، ئۇيغۇرلار بۇ ئۆتكەللەردىن مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئۆتۈپ پاسپورتىنى ئالغان تەقدىردىمۇ، ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ھەج ئۆمەكلىرىگە تىزىملاش ھەققى ھەمدە تۆلەيدىغان ھەج راسخوتى 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، تۈگىمەس قىيىن رەسمىيەتلەر ھەم يۇقىرى ھەج راسخوتى تۈپەيلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپىنچىسى دېھقان بولغان مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا چىقىش قىلالمايدىكەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى 2009 - يىللىق ھەج ئىشلىرىغا تىزىملىتىش ھەقىقى ئۈچۈنلا 15 مىڭ يۇەن تەلەپ قىلغان ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇلتۇرقى ئۈرۈمچى ئايرودرومى ھەم ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرىدىكى تارقاق ھەجنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكىتى ئالتە ئايدىن ئۇزۇن داۋام قىلغان ئىدى.