لۇندىستاد فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا، 2010 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى مۇكاپات ساھىبىنىڭ ياكى ئۇنىڭ ۋەكىلىنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالالماسلىقى سەۋەبىدىن مۇشۇ 100 يىللىق تارىختا يۈز بەرگەن ئالاھىدە ئەھۋالدۇر.
بۇ ئەھۋالنى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مۇرەسسەلەشمەسلىك پوزىتسىيىسى كەلتۈرۈپ چىقاردى دېگەن. ئۇ يەنە، بۇ نوبېل كومىتېتىنىڭ مۇشۇ 100 يىللىق تارىختىن بۇيان چىقارغان ئەڭ مۇھىم قارارلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نوبېل كومىتېتىنىڭ قارارىنى شىددەتلىك تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن لۇندىستاد نوبېل كومىتېتى قارارىنى ئاقلاپ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ ئەنئەنىسىدە ئۆكتىچى زاتلارنى مۇكاپاتلاش قائىدىسى بارلىقىنى ۋە بۇ يىللىق مۇكاپاتنىڭ ليۇ شاۋبوغا بېرىلىشىنىڭ بۇ ئەنئەنىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
نوبېل كومىتېتى بۇرۇن ناتسېستلار گېرمانىيىسى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۆكتىچى زاتلارنى مۇكاپاتلىغان بولۇپ، نوبېل كومىتېتى ئەينى چاغدا ئوخشاشلا ناتسېستلار گېرمانىيىسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەنقىدى ھەم تەھدىتىگە ئۇچرىغان، لېكىن بۇ نوبېل كومىتېتىنى ئۆزىنىڭ قارارىدىن ياندۇرالمىغان ئىدى.
بۇ قېتىم نوبېل كومىتېتى ليۇ شاۋبونى مۇكاپاتلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەھدىتىگە ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىغا ئۇچرىغان. لۇندىستاد نوبېل كومىتېتىنىڭ ناتسېستلار گېرمانىيىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى، جەنۇبىي ئافرىقا، بېرما، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بېسىمىغا باش ئەگمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتايغا بۇ دۆلەتلەردىن باشقىچىرەك مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئەللىرى ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن مۇراسىمنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن، بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، مۇراسىمغا ئادەتتىكىدەك قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە مۇكاپاتنى ليۇ شاۋبوغا ۋاكالىتەن كىمنىڭ تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس.
خىتاي دائىرىلىرى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالىنى نەزەربەند قىلغان بولۇپ، بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دائىرىلەر ليۇ شاۋبونىڭ ئىككى ئىنىسىنىڭمۇ چەتئەلگە چىقىشىنى چەكلىشى مۇمكىن.