ئۇلارنىڭ 200 گە يېقىنى باشقا بىر كىچىك بۇدخانىغا ئورۇنلاشقان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا ھۆكۈمەت ئۇلارنى بۇ يەردىنمۇ قوغلاپ، ئۇلارغا 31 - چىسلاغىچە بۇ بۇدخانىدىن چىقىپ كېتىشىنى بۇيرۇق قىلغان. ئامالسىز قالغان راھىبلار بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ تور بېتىدە فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىغا ئوچۇق خەت يېزىپ، فرانسىيىدىن ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ھەققى تەلەپ قىلغان. ئۇلار خېتىدە " ھۆكۈمەتنىڭ بېسىملىرىغا ئەمدى چىدىغۇچىلىقىمىز قالمىدى" دېگەن.
ب ب سدا چىققان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، فرانسىيىدە سۈرگۈندە ياشايدىغان داڭلىق بۇددىست راھىبى تېك نىياگ ھەگ 2007 - يىلى ۋېيتنامغا قايتقىنىدا ۋېيتنام ھۆكۈمىتىنى دىننى كونترول قىلماسلىققا ۋە ۋېيتنام كوممۇنىست جۇمھۇرىيىتىدىكى كوممۇنىست سۆزىنى چىقىرىۋېتىشىكە چاقىرغان. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن ئىدى.
ۋېيتنام ھۆكۈمىتى تېگ نياگ ھەگنىڭ مۇرتلىرى بولغان بۇ راھىبلارنىڭ قانۇنسىز دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ھۆكۈمەت بىلەن زىتلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما راھىبلار ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن قانۇنى تەرتىپلەرگە ئەمەل قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قارىلاشلىرىنى رەت قىلماقتا.