ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ب د ت يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق پۇرسەتتە قىلغان سۆزىدە، پۈتۈن دۇنيا رەھبەرلىرىنى گروزىيە خەلقى تەرەپتە تۇرۇشقا ۋە پۈتۈن دۇنيادا كەڭ مەنىدىكى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.
جورج بۇش سۆزىدە يەنە، سەككىز چوڭ سانائەت دۆلىتىنىڭ دائىرىسىنى خىتاي، ھىندىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، مېكسىكا ۋە برازىلىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرگىچە كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى.