يىغىندا، ھۆكۈمەتنىڭ 700 مىليارد دوللار سەرپ قىلىنىدىغان ئامېرىكا پۇل - مۇئامىلە بازىرىنى قۇتقۇزۇش پىلانىنى مۇزاكىرىگە قويغان. لېكىن تەرەپلەر قۇتقۇزۇش پىلانىدا بىرلىككە كېلەلمىگەندىن كېيىن بۇ مەسلە تەرەپلەرنىڭ جۈمە كۈنى يەنە مۇزاكىرە قىلىشىغا قالدى.
پرېزىدېنت بۇش جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قۇتقۇزۇش پىلانىنى تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مەزكۇر پىلاننىڭ بەزى تەرەپلىرى تالاش - تارتىش قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىش مەسىلىسىدە پىكىرى بىردەك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئەگەر دۆلەت مەجلىسى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر پىلانىنى تەستىقلىسا، بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ خۇسۇسي شىركەتلەرنى سېتىۋېلىش سودىسى بولۇپ قالىدۇ. مەزكۇر پىلان توغرىسىدىكى تالاش - تارتىشنىڭ ئاساسى نېگىزى 700 مىليارد دوللارنى خەجلەش ئۇسۇلى بولۇپ، دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى دېموكراتلار بۇ پۇلنى بىراقلا تەستىقلاشقا قارشى تۇرماقتا. ئامېرىكا پۇل - مۇئامىلە شىركەتلىرىنى قۇتقۇزۇشقا قارشى تۇرغۇچىلار بولسا خۇسۇسي شىركەتلەرنىڭ يۈكىنى ئامېرىكا ئاۋام خەلقى ئۈستىگە ئالماسلىقى كېرەك، دەپ قارىماقتا.
لېكىن دۆلەت مەجلىسىدىكى كۆپچىلىك ئەزالارنىڭ پىكىرى بۇيىچە، پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىغا قارشى جىددىي تەدبىر قوللىنىش زۆرۈردۇر. پرېزىدېنت بۇش پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان نۇتۇقىدا ئامېرىكا خەلقى چوقۇم پۇل - مۇئامىلە بازىرىنى قۇتقۇزۇش پىلانىنى قوللاپ، پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلىدى. ئۇ، پۈتۈن ئىقتىسادنىڭ خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر جىددىي تەدبىر ئېلىنمىسا ئېغىر بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.