كالىفورنىيە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ۋە شېئىرىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدە كالىفورنىيە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىككى پائالىيەت بولۇپ ئۆتتى.

24-فېۋرال كۈنى كالىفورنىيىنىڭ سانفرانسىسكو شەھىرىگە جايلاشقان «سەنئەت ۋە تەرجىمە» مەركىزى مەخسۇس ئۇيغۇر شېرىيىتى ھەم ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان كەچلىك ئۆتكۈزگەن.

100 دىن ئارتۇق شائىر، سەنئەتكار ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىزىققۇچىلار قاتناشقان مەزكۇر پائالىيەتتە دوكتور دولقۇن قەمبىرى ئۇيغۇر شېئىرىيەت تارىخى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن يادىكارلىقلىرى دەۋرى، تۇرپان ئىدىقۇتلۇقى، قاراخانىيلار سۇلالىسى ۋە كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن تارتىپ، تاكى زامانىمىزغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.

سائەت 5 تىن 8 گىچە داۋاملاشقان مەزكۇر پائالىيەتتە مەزكۇر مەركەزنىڭ مەسئۇلى، شائىر جېفري ياڭ ئىلگىرى «سەنئەت ۋە تەرجىمە» مەركىزى نەشر قىلغان ئىنگلىزچە ئۇيغۇر شېئىرىيەت نەمۇنىلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغان.

سانفرانسىسكو شەھىرى يېنىدىكى بېرىكلي ئۇنىۋېرسىتېتى 25-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور درۇ گلادنېي ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۇتقان ئورنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نىشانى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، 2009-يىلى، 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى، تۈركىيىنىڭ خىتاي سىياسىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە توختالغان.

تۇڭگان مىللىتىدىن بولغان مۇتەخەسسىس دوكتور ماخەييۈن خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيىتى ھەم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا تەرەپلىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا، دوكتور دولقۇن قەمبىرى ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك تارىخى ئەنئەنىسى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا ئۆز دۆلىتىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن خەلق ئىكەنلىكى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرشۇناسلىق تېمىلىرى غەرب دۇنياسىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەتقىقات پىلانلىرىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق يەنە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بولۇپ كەلمەكتە.