ئۇيغۇر ئېلىدە چاغان مەزگىلىدە يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى كۈچەيتىلدى

شىنخۇا تور بېتىنىڭ بۈگۈن 31-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 28-يانۋاردىن باشلاپ يولۇچىلار قاتناش بېكەتلىرى، پويىز ئىستانسىسى قاتارلىق جايلاردا يولۇچىلارنىڭ يۈك تاقلىرىغا قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش يولغا قويۇلىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۈرۈمچى ئايرودرومىنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش زالىغا چامادان ياكى سومكا ئېلىپ كىرگەندە، ئىككى قېتىم بىخەتەرلىك تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە 28- يانۋاردىن باشلاپ، ئايرودروم مۇلازىمەت بىناسى ئالدىغا يولۇچىلارنى كۈتۈۋالغىلى ۋە ئۇزاتقىلى كەلگەن ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇزاق توختىشىغىمۇ يول قويۇلمىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، يولۇچىلارغا قارىتىلغان بۇ خىل قاتتىق تەكشۈرۈش خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنى ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىشىدىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ چاغان مەزگىلىدە بۇ خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يىللاردىكىدىن كۈچەيتكەنلىكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونى ۋەزىيىتىدىن تېخىمۇ ئەنسىرەۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دەپ بىلدۈردى.