چاغاندا خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 36 ئادەم ئۆلگەن

خىتاي ئاخباراتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا چاغان خاتىرىلەش جەريانىدا خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆرۈلگەن ئوت ئاپىتىدە 36 ئادەم ئۆلگەن.


خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئوت ئاپىتىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە تولۇق ئۇچۇر بەرمىگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، 9 - فېۋرالدىن، 15 - فېۋرالغىچە خىتاي مىقياسىدا 6 مىڭ 500 قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 58 مىليون يۈەن بولغان.

مەلۇماتلارغا قارىغان خىتايدا ھەر يىلى چاغان مەزگىلىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئېتىلداق ھادىسىسى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

بەلكىم بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىمۇ ئېتىلداقلاردىن كېلىپ چاققان بولۇشى مۇمكىن.