ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنغان

ئامېرىكىدىكى داڭلىق تور بازىرى http://www.amazon.com دا ئۇيغۇرلارنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرىمۇ بازارغا سېلىنغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.12.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

تور بەتكە بېرىلگەن ئېلانلارغا قارىغاندا راۋاب $549.85 باھا بىلەن بازارغا سېلىنغان.

قارىغاندا مەزكۇر چالغۇلار «خىتاي بىلەن ئارىلىشىش» يەنى http://www.interactchina.com شىركىتى تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغان.

بۇ تور بېكىتىگە خىتايدىكى كۆپىنچە مىللەتلەرنىڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرى قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەمبۈر، غېجەك ۋە خۇشتار قاتارلىق چالغۇلىرىمۇ بۇلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

يۇقىرىقى تور بېكىتىنىڭ خىتاي سودىگەرلەر ياكى باشقىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

ئەمما، ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ خەلقئارا تور بازارلىرىغا قويۇلۇشى دىققەتنى چەكمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.