چاڭشا ۋە چاڭچۈندە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

29 - ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ نەنجىڭدىكى بىر زاۋۇتتا پارتلاش يۈز بېرىپ 400 نەچچە كىشى ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن يەنە چاڭشا ۋە چاڭچۈن شەھەرلىرىدە ئارقا - ئارقىدىن پارتلاش ئيۈز بېرىپ، جەمئىي 3 كىشى ئۆلگەن ۋە 30 نەچچە كىشى يارىدار بولغان.

شىنخۇا تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، چاڭشا شەھىرىدىكى بىر باج ئىدارە خىزمەت بىناسىنىڭ 3 - قەۋىتىدە ئۇشتۇمتۇت پارتلاش يۈز بېرىپ، 2 كىشى ئۆلگەن ۋە 10 نەچچە كىشى يارىدار بولغان. پارتلاشتا ئىشخانىنىڭ دەرىزىلىرى ۋە كېشەكلىرى كۈكۈم تالقان بولۇپ، 30 مېتىر ئەتراپقىچە چېچىلىپ كەتكەن. چاڭچۈندىكى پارتلاش ۋەقەسى بىر ھۆسىن تۈزەش ئورنىدا يۈز بېرىپ 1 كىشى ئۆلگەن، 21 كىشى يارىدار بولغان. دائىرىلەر چاڭچۈندىكى ۋەقە يۈز بەرگەن مەيدانغا 12 ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ۋە 60 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئەۋەتىپ، 29 كىشىنى خەتەردىن قۇتقۇزغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە ھەر ئىككى جايدىكى پارتلاش چۈشتىن كېيىن سائەت 4 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ۋە پارتلاش ئاۋازى ئەتراپتا ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلغان. خىتاي ساقچىلىرى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان، لېكىن تېخى تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى چىقمىغان. 2008 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۇچا شەھرىدىمۇ زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن؛ ۋەقەدە خىتاينىڭ باج ۋە ساقچى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولغان. ئۇ ۋەقە خەلقئارا خەۋەرلەردە ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسى دەپ قارالغان ئىدى.