بەختكە يارىشا، مەزكۇر يەر تەۋرەش ئاپىتى ئۆلۈم ياكى يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولسىمۇ، ئاپەتتە ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ بىۋاستە زىيانغا ئۇچرىغان ئادەم 10 مىڭ 887 كىشىگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 5123 كىشىنىڭ ئۆيى ئېغىر ۋەيران بولغان.
خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىنى " ئادەتتىكى ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى پۈتۈنلەي يۈرۈشۈپ، ئاپەتتىكى خەلق غەمدىن خالى قىلىندى " دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن ئاشكارىلىنىشىچە، چوڭ بۇغرا يېزىسى قاتارلىق ئاپەت ئېغىر بولغان جايلاردا يەنىلا، ئۆيلىرى ئۆرۈلگەن ئاپەتتىكى ئاممىغا كەپە، يېقىلغۇ ۋە ئاشلىق يېتىشمەسلىك مەسىلىلىرى مەۋجۇت.
يەرلىك دائىرىلەر، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆيسىز قالغان دېھقان - چارۋىچىلارنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق يېڭى تۇرالغۇلارغا كۆچۈرۈپ كىرىشىگە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، يېقىن دېگەندىمۇ يازنى كۈتۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.