مىنىستىرلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەڭدە چېچەن تەرەپتىنمۇ 4 كىشى ئۆلگەن. ئەمما، چېچەن تەرەپنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى چېچەن تەرەپتىن پەقەت بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئۇرۇش يۈز بەرگەن تاغلىق رايوندا ياققان قېلىن قار ۋە تۇمان، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئاكتىپ ھالدا قايتارما زەربە بېرىشىنى قىيىنلاشتۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى توقۇنۇش يەنە داۋام قىلماقتا. كاۋكاز ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئۇرۇش چېچەنىستاننىڭ جەنۇبىدىكى نوكچىچو ۋىلايىتىنىڭ ۋېدېنو تاغلىق رايونىدا داۋام قىلماقتا. چېچەن پىدائىيلار ئۆتكەن يىلى موسكۋادىكى بىر يولۇچىلار پويىز ئىستانسىسىغا قارىتا پارتىلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ رۇسىيىدە ئېغىر دەرىجىدە ۋەھىمە پەيدا قىلغان.