رۇسىيىنىڭ قانال 1 تېلېۋىزىيىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پىلاننى ئىجرا قىلماقچى بولغانلار جەمئىي 3 كىشى بولۇپ، بۇلاردىن ئىككى نەپىرى چېچەن، بىر نەپىرى قازاقىستانلىق. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۈچ كىشى پۇتىننىڭ ئۆيى بىلەن خىزمەت سارىيى ئارىسىدىكى مۇساپىدە پۇتىن ئولتۇرغان ئاپتوموبىلنى بىر قانچە قېتىم سۈرەتكە ئالغان. ئۇلار پۇتىننى مانا مۇشۇ رەسىمگە ئېلىنغان جايدا پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان.
خەۋەردە يەنە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر پىدائىيلاردىن ئىككىسى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، دۇبەي ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ئۇكرائىنىيىگە كەلگەن. ئۇلار ئۇكرائىنىيىدىكى بىر ئۆيدە پارتلاتقۇچ بومبا تەييارلاۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بومبا پارتلاپ كېتىپ، ئۇكرائىنىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن يارىدار ھالەتتە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە دېلوسى ئېنىقلانغاندىن كېيىن رۇسىيىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.
ئۇلار سوراق جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ پۇتىننى پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ چېچەن پىدائىيلارنىڭ مەشھۇر يېتەكچىسى دوكۇ ئۆمەروفنىڭ قوماندانلىقىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. خەۋەردە قازاقىستانلىق پىدائىينىڭ ئىسمى Ilya Pyanzin دەپ يېزىلغان، ئەمما ئېتنىك تەۋەلىكى بايان قىلىنمىغان.