چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدىن ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلدى

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى جۈمە كۈنى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بېيجىڭدا باشلانغان مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىدىن ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئوچۇق خەتتە، 3000 كىشىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى خىتاينى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىشكە، ئەرەب ئەللىرىدە پارتلىغان خەلق ئىسيانىدىن ئىبرەت ئېلىشقا ۋە خەلقنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2010-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي ئۆكتىچىسى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ياخشى نىيىتىنى ئىپادىلىشىنى، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ۋەقەلىرىگە خاتىمە بېرىپ، قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئوچۇق خەتتە يەنە، خىتاي دائىرىلىرى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشىدە تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۆكتىچىلەرنى تۈرمىدىن قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى ئۈزلۈكسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى باشقا بىر جايدا نەزەربەند قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيا، موڭغۇل ئۆكتىچى خادا، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچىڭ، موڭغۇل يازغۇچى خۇ چىنخۇ قاتارلىق كىشىلەرگە يۇقىرىقى تاكتىكىلارنى قوللانغان.

ئوچۇق خەتتە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بېرى يولغا قويغان ئاخبارات چەكلىمىسىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى خەلق ئىسيانلىرىنىڭ خىتايغا تۇتۇشۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، سۆز ئەركىنلىكى ھەم مۇخبىرلارنىڭ كەسپى ئەركىنلىكىگە دائىر مەسىلىلەرگە پەۋقۇلئاددە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئاخبارات چەكلىمىسى 2008‏-يىلى يۈز بەرگەن تىبەت ئىسيانى، 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى«5-ئىيۇل ۋەقەسى »دىن كېيىن، ئاخبارات ھوقۇقىغا قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ 3‏-باسقۇچىدۇر.