چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى جاڭ چۈنشەنگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى

مەركىزى فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۈگۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشەنگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى. تەشكىلات خېتىدە، ئۇيغۇر رايونىدا ئىنتېرنېت قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىدىكى چەكلىمىنى ئازايتىشنى داۋام قىلىش كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: "5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونى 10 ئاي بويىچە دۇنيادىن ئايرىۋېتىلدى. دۇنيادا ھېچقانداق ھۆكۈمەت تېخى ئىنتېرنېتنى بۇنداق ئۇزۇن مۇددەت چەكلەپ باققىنى يوق. ئىنتېرنېتنىڭ قايتا ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بىر ئەھۋال. ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىز ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنىڭ خالىغان تور بەتكە كىرىشىنى چەكلەيدىغان 'ئوت توسما' نىڭ قارشىلىقىغا داۋاملىق ئۇچراۋاتقانلىقىدەك پاكىتنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك".

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى جاڭ چۈنشەنگە يازغان خېتىدە يەنە، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يالغۇز ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى ئېلىشنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا ئائىت مەزمۇنلارغا بولغان چەكلىمىنى كېمەيتىش ياكى ئېلىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

ئوچۇق خەتتە يەنە، ئۇيغۇر داۋاسىغا "تېررورلۇق" قالپىقى كىيگۈزۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلدى.