باياناتتا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېين فرانشىئوس جۇللىياردنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، "كىشىلىك ھوقۇق دۆلىتى فرانسىيىنىڭ خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇلۇشىغا زۇۋان سۈرمەسلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. پرېزىدېنت ساركوزىي 2007 - يىلدىكى سايلامدا كىشىلىك ھوقۇقنى فرانسىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ مەركىزىگە ئولتۇرغۇزۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە قانداق يۈز كېلىدۇ؟" دەپ تەكىتلىگەن.
فرانسىيە ساقچىلىرى جۈمە كۈنى ئەتىگەندە پارىژدىكى نامسىز ئەسكەرلەر قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشقا ماڭغان خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆتەر يولىدا نامايىش قىلىپ، ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقچى بولغان بىر قىسىم چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، پارىژنىڭ فرانكىلىن روزۋېلت مېترو ئىستانسىسىدا نامايىش قىلغان 20 دەك چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئەزالىرى ۋە بىر نەپەر فرانسىيە قانال پلوس تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرى تۇتۇپ قېلىنغان ئىدى.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتتا ليۇ شاۋبونىڭ چوقۇم قويۇپ بېرىلىشى شەرت ئىكەنلىكىنى، فرانسىيە ھۆكۈمىتى چوقۇم خۇ جىنتاۋدىن ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. لېكىن خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇ يىڭ پەيشەنبە كۈنى ساركوزىي بىلەن خۇ جىنتاۋ ئېللىسې سارىيىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، "ليۇ شاۋبو مەسىلىسىنىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن ساركوزىي ئارىسىدىكى سۆھبەتتە مۇزاكىرە قىلىنمىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.