چېن گۇاڭچېڭغا ئامېرىكا تەرىپىدىن پاناھلىق بېرىلىش ئېھتىماللىقى قىياس قىلىنماقتا

ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭغا ئامېرىكا تەرىپىدىن پاناھلىق بېرىلىش ئېھتىماللىقى قىياس قىلىنماقتا.

مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى مۇناسىۋەت تورلىرىغا ئاساسەن ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك ئەمەلدارلىرى، چېن گۇاڭچېڭ مەسىلىسىنى تېز بىر تەرەپ قىلىشقا ئالدىرىماقتا.

بۇنداق بولۇشى ئالدىمىزدىكى پەيشەنبە كۈنى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق يىللىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى. يىغىن كۈن تەرتىپىنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن، چېن گۇاڭچېڭ مەسىلىسى ئوڭۇشلۇق ھەل بولۇشى كېرەك.

خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى يەنە چېن گۇاڭچېڭغا ئامېرىكا تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىق بېرىلىشى ۋە خىتاي تەرىپىدىن چەتئەلدە داۋالىنىش نامى ئاستىدا خىتايدىن ئايرىلىشىغا يول قويۇلۇشى مۇمكىن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇرت كامبەل، چېن گۇاڭچېڭ مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلغان. ئەمما، ياۋروپا بىرلىكى بۈگۈن بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى چېن گۇاڭچېڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى شۇنداقلا ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن دەرھال تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان.