چېن ئەسلى شەندۇڭلۇق ئەما ئادۋوكات. ئۇ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان.
خىتاي دائىرىلىرى چېن گۇاڭچېڭنى «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى» بىلەن 2006-يىلى 4 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇغان ۋە 2010-يىلدىن باشلاپ نەزەربەند ئاستىغا ئالغان ئىدى.
چېن گۇاڭچېڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى قانۇنسىز قىلمىشلارغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ ماقالىسىدە : خىتايدا قانۇن كەم ئەمەس، ئەمما قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كەم، دەپ كۆرسەتتى.
چېن بىر ئاي بۇرۇن نەزەربەند ئاستىدىكى ئۆيىدىن قېچىپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرىۋالغان ۋە ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقى بىلەن يېقىندا ئامېرىكىغا كەلگەن ئىدى. ئۇ نۆۋەتتە نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىدا قانۇن ئۆگەنمەكتە.