چېن گۇاڭچېڭنىڭ بىر قىسىم دوستلىرى تۇتقۇن قىلىندى

شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى ئۆز ئۆيىدە نەزەربەنتتە تۇرىۋاتقان ئەما ھوقۇق قوغدىغۇچىسى چېن گۇاڭچېڭ نەزەربەنتتىن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ قېچىسىغا ياردەم بەرگەن بەزى ئادەملەرنى تۇتۇپ كەتكەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ھوقۇق قوغدىغۇچىسى خۇجا تۇتۇپ كېتىلىپ، بىر كۈندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ساقچىلار ئۇنىڭدىن ئەما ھوقۇق قوغدىغۇچىسىنىڭ قېچىشىغا ياردەم بېرىش ئەھۋالىنى سورىغان.

ئەما ھوقۇق قوغدىغۇچىسى چېن گۇاڭچېڭنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا كىرىۋېلىپ، ھىمايىگە ئېرىشكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا. ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى «جۇڭگو ياردەم»، جەمىيىتى ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق، ئامېرىكا تەرەپ چېن گۇئاڭچېڭنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە بىلدۈرۈش ئېلان قىلمىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا دىپلوماتى يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئىككى مەسىلە، بىرى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسى، يەنە بىرى چېن گۇئاڭچېڭنىڭ مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. كېلەر ھەپتىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىلىك سۆھبىتى باشلىنىدۇ.