ئەما ئادۋوكات چېن گۇاڭچېننىڭ ئامېرىكىنىڭ ھامىيلىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم

ئامېرىكىدىكى «جۇڭگوغا ياردەم» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە نەزەربەند ئاستىدىن قېچىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ھامىيلىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەما ئادۋوكات چېن گۇاڭچېن خىتاي يېزىلىرىدىكى مەجبۇرى بالا چۈشۈرۈش ۋە ئاياللار ئۈستىدىن مەجبۇرىي تۇغۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوپېراتسىيىسى قىلىش قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلانغان ۋە ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ قانۇنىي دەۋاسىنى قىلغان بولغاچقا 2006 - يىلى تۈرمىگە تاشلانغان.

ئۇ، 2010 - يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن شەندۇڭدىكى ئۆيىدە نەزەربەندكە ئېلىنغان، ئۇنىڭ ئۆيى 24 سائەت خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ كۆزىتىش ئاستىدا ئىدى.

چېن گۇاڭچېننىڭ ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى نەزەربەند ئاستىدىكى ئۆيىدىن غەلىبىلىك قېچىپ چىققانلىقى ۋە ئۇنىڭ بېيجىڭغا كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جىيا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋە چېننىڭ«100 پىرسەنت بىخەتەر جايدا» تۇرۇۋاتقانلىقنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈن ئامېرىكىدىكى «جۇڭگوغا ياردەم تەشكىلاتى» چېن گۇاڭچېننىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا خادىملىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەمما بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە ۋاشىنگتون دائىرىلىرى بۇ ھەقتە توختىلىشىنى رەت قىلدى.