چېنۋېي توردا ئېلان قىلغان 4 پارچە ماقالىسى سەۋەبلىك بۇ يىل فېۋرال «ئەرەب باھارى» ئىنقىلابىنىڭ خىتايغىمۇ يېتىپ كېلىش شەپىسى سېزىلگەندە قولغا ئېلىنغان ئىدى.
چېنۋېينىڭ ئادۋوكاتى، سوتنىڭ 2:30 سائەت داۋام قىلغانلىقى، ئادۋوكاتلارنىڭ يېتەرلىك دەلىللەر بىلەن چېنۋېينى ئاقلاشقا تىرىشقانلىقى، ئەمما، سوت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى نەزەرگە ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چېنۋېينىڭ ئادۋوكاتى لىياڭ شاۋجۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېنۋېينىڭ ھۆكۈمنامىسى ئوقۇغاندا چېنۋېي: مەن ئېتىراز بىلدۈرىمەن. مەن گۇناھسىز. قانۇنىي دېموكراتىيە چوقۇم يېڭدۇ، مۇستەبىتلىك زاۋال تاپىدۇ، دەپ خىتاب قىلغان.
خىتايدا ھۆكۈمەت خالىمايدىغان پىكىردىكى يازغۇچى - مۇخبىرلار ئەزەلدىن زەربە نىشانى بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ژۇرنالىست غەيرەت نىيازمۇ 2009 - يىلىدىكى «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن خوڭكوڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان ئىدى.