ھەيكەلتىراش چېن ۋېيمىڭ سۈرىيىدىكى ئىسيانچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان مەشھۇر خىتاي ھەيكەلتىراش چېن ۋېيمىڭ، تۈنۈگۈن نيۇيوركتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ سۈرىيىدىكى جەڭ مەيدانىغا بېرىپ، بەشار ئەساد ھۆكۈمىتىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئىسيانچىلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتايچە بوشۈن تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سۈرىيىدە ئىسيان باشلانغاندىن بۇيان، خىتاي دۆلىتىنىڭ، ئىسيانچىلار تەرەپتە ئەمەس، بەلكى دىكتاتور ھاكىمىيەت تەرىپىدە تۇرۇشى، خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ھەيكەلتىراش چېن ۋېيمىڭ ئەنە شۇ، خىتاي دۆلىتىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانىدىن نارازى بولغۇچىلاردىن بىرى.

مەلۇم بولۇشىچە، چېن ۋېيمىڭ بۇ قېتىمقى بۇ قارارى ئارقىلىق، نۆۋەتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ خىتاي خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى سۈرىيە خەلقى ۋە دۇنيا جامائىتىگە بىلدۈرۈپ قويماقچى؛ يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، نۆۋەتتىكى خىتاي ھاكىمىيىتىگە، دىكتاتور تۈزۈمدىن ۋاز كېچىش ھەققىدە سىگنال بەرمەكچى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەيكەلتىراش چېن ۋېيمىڭ تۈنۈگۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن، سۈرىيىدىكى جەڭ مەيدانىغا بېرىش ئۈچۈن، نيۇيوركتىن سۈرىيىگە قاراپ يولغا چىقتى.