دائىرىلەر بىر تەرەپتىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچلەندۈرسە يەنە بىر تەرەپتىن، ۋەزىيەتنىڭ نازۇكلۇقىنى ئۆز بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە بىلدۈرۈپ، ئۇشتۇمتۇت ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۇنى چوڭايتىۋەتمەسلىكنى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلماقتا.
خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭدا سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ تەقىب ئاستىغا ئېلىنىشى، ئەرزدارلارنىڭ يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلۇشى ۋە قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتاي بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئەمما دائىرىلەر ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا ھەرقانچە ئەھمىيەت بەرسىمۇ، ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يەنىلا ئايرىم شەھەرلەردە يۈز بېرىپ تۇرماقتا.
بۈگۈن خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە 300 دىن ئارتۇق كىشى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا توپلىنىپ، ھۆكۈمەتتىن مەۋجۇتلۇق ھوقۇقى يەنى ياشاش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇلار شەھەر قۇرۇلۇشلىرى داۋامىدا ئۆيلىرى چېقىلغان ۋە ياكى مۇۋاپىق تۆلەمگە ئېرىشەلمىگەنلەر بولۇپ، ئۇلار مەسىلىنى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. بۈگۈن يەنە خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدە نەچچە ئونلىغان ئەرزدار شەھەرلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا بېسىپ كىرىپ، كومىتېتتىكى خادىملار بىلەن جېدەللەشكەن. رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئەرزدارلار، ئەرز-شىكايەتلىرىنى يىللاردىن بېرى دائىرىلەرگە ئاڭلىتالماي كېلىۋاتقان ۋە بۇ جەرياندا ساقچىلارنىڭ تاياق-توقماقلىرىغا ئۇچرىغانلار ئىكەن.