چەتئەللەردە ياشاۋاتقان تىبەتلەر سەرگەردان ھۆكۈمىتىگە باش مىنىستىر سايلاپ چىقتى

سەرگەردان ھۆكۈمەت چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سايلام نەتىجىسىگە قارىغاندا، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارالىق قانۇن ئىلمىي بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن لوبساڭ سانگاي باش مىنىستىر بولۇپ سايلانغان.

بۇ يىل 42 ياشلىق لوبساڭ 1968-يىلى دارامسالادا تۇغۇلغان. ئۇ يېڭى دېھلىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە تىبەتنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيىغا يېتەكچىلىك قىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىل مارتتا ئېلىپ بېرىلغان باش مىنىستىر سايلىمىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشايدىغان 50 مىڭغا يېقىن تىبەتلىك قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، لوبساڭ بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا 55 پىرسەنت ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

لوبساڭ سانگاي بۇ يىل مارتتا بايانات بېرىپ، ئەگەر بۇ نۆۋەت سايلىنىپ چىقسا، دالاي لاما يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان «ئوتتۇرا يول سىياسىتى» دىن ھالقىغان سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تىبەتلەرنىڭ داھىيسى دالاي لاما بۇ يىل مارتتا دىنىي داھىيلىق ئورنىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا سىياسىي داھىيلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
بۇ نۆۋەت سايلانغان باش مىنىستىر دالاي لامانىڭ سىياسىي ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ ئالىدىكەن.