مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 400 ئارتۇق تىبەت ۋەكىلى بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ھىندىستاندىكى دارامسالاغا يىغىلغان.
يېڭى سايلانغان تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ سانگاي بۇ نۆۋەت توپلانغان ۋەكىللەرنىڭ خەلقنىڭ ئارزۇسىنى يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بۇ يىل مارتتا بايانات ئېلان قىلىپ، روھانىي داھىيلىق ئورنىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا سىياسىي ھاياتىغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.