رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر كۇلۇب ئۆزىگە ئەزا مۇخبىرلار ئۈستىدىن ئانكېتلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئانكېتقا قاتناشقان 108 مۇخبىرنىڭ 94 پىرسەنتى خىتايدا خىزمەت قىلىشنىڭ بارغانسېرى قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى، 70 پىرسەنتى ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلقى خىزمەت جەريانىدا كاشىلا ۋە ئۇرۇپ-سوقۇشقا ئوخشاش قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۈگۈن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، مەزكۇر كۇلۇبنى «تولۇق قانۇنلۇق ئەمەس»، دېگەن، ئەمما ئۇ سۆزىگە، خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ «بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقى» نى قوشۇپ قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
ئەگەر ئۇ مۇخبىرلار ئەھۋال ئىگىلەشتە بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولسا، مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئۇچۇر-خەۋەرلەر بۆلۈمى ئۇلارنى نورمال قاناللار ئارقىلىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە تەييار.
ئەمما چەتئەللىك مۇخبىرلار ئانكېتتا ئۆزلىرىگە خەۋەر بەرگەن ۋە ياكى ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشكەن كىشىلەرنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، سوراققا تارتىلغانلىقى، ئۇرۇپ-سوقۇلغانلىقى ۋە ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق جازالانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا مۇخبىرلارنىڭ خەۋەر ئېلىشىنى ۋە كىشىلەرنىڭ مۇخبىرلارغا خەۋەر بېرىشىنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلماقتا. بۇ ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇيغۇر ژۇرنالىست غەيرەت نىياز ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە چەتئەللىك مۇخبىرغا بايانات بەرگەنلىكى ئۈچۈن «دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.