«چەتكە قېقىلىپ ياشاش-خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىشى» ناملىق دوكلات خىتايچىغا تەرجىمە قىلىندى

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قاراشلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان «چەتكە قېقىلىپ ياشاش-خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىرىنى چېقىشى» ماۋزۇلۇق دوكلات خىتايچىغا تەرجىمە قىلىندى.

چارشەنبە كۈنى دوكلاتنىڭ خىتايچە نۇسخىسى ئۇيغۇر بىز تورىغا قويۇلدى.

89 بەتتىن تەركىب تاپقان بۇ دوكلات بۇ يىل 4-ئايدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بىر قىسىم خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋە دوكلات ھەققىدە مەخسۇس خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى. تۈرلۈك مەنبەلەر ئاساسىدا تەييارلانغان دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنى يوقىتىۋاتقانلىقى ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر قەدىمى شەھەر رايونىنى چېقىش-تۈزلەش خىزمىتىنى «زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» نىڭ تەركىبى قىسمى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىپ بېرىش» قۇرۇلۇشى ناملىرى ئاستىدا ئېلىپ بارغان ئىدى. ئەمما مەزكۇر دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى قەتئىي رەت قىلىپ، بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي پىلانىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دوكلاتىدا ئاخىرىدا خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھۆكۈمەت ۋە ئورگانلارغا چاقىرىق قىلىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە كونسۇلخانا ئېچىپ، رايوننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىش، ھەرقايسى دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىدىغان كۈچلۈك قارار ماقۇللاپ چىقىشقا ئوخشاش پىكىر-تەكلىپلەرمۇ بېرىلگەن.