بېيجىڭدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلار جەمئىيىتى خىتايدىن مۇخبىرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى

بېيجىڭدىكى «خىتايدا تۇرۇشلۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار جەمئىيىتى» 21-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مۇخبىرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، ياپونىيىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى، خوڭكوڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى، گېرمانىيە ئا ر د تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرى، پولشا مۇخبىرى ھەم بىر نەپەر ئامېرىكا مۇخبىرى خىتايدا زىيارەت قىلىۋاتقاندا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان. ئۇندىن باشقا نەق مەيداندا زىيارەت قىلىۋاتقان مۇخبىرلار يەنە خىتاي ساقچىلىرى ھەم دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، تاياق يېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتايدا ئەركىن زىيارەت قىلالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدا ھەر خىل توسالغۇلارغا ئۇچرىشى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قويۇلغان تۈرلۈك چەكلىمىلەر ھەم مۇخبىرلارنىڭ تەھدىتكە ئۇچراش مەسىلىلىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.