فەيزۇللايېف ئافغانىستان چېگرا بويلىرىدىكى ئىسلامچى كۈچلەرنىڭ جىم تۇرمايۋاتقانلىقىنى ۋە تاجىكىستاننىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى، تاجىكىستاننىڭ سوۋېت زامانىدىن قالغان ھەربىي قوراللىرىنىڭ مەزكۇر تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشتا ئاجىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فەيزۇللايېفنىڭ بۇ تەلىپىگە قارىتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى ۋەكىلى پىەررە مورەل جاۋاب قايتۇرۇپ، تاجىكىستاننىڭ چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئەمما ئۇ ياردەمنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ھەققىدە توختالمىغان. ئۇ ناتو ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تىنچلىقنى شەكىللەندۈرۈشى ئۈچۈن، تاجىكىستانغا ئوخشىغان چېگرىداش دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئىپادىلىگەن.
تاجىكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن بولغان چېگراسى 1300 كىلومېتىر، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق باشقا قوشنىلىرى بىلەن بولغان چېگراسى 4000كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا. 1992 -يىلى مۇستەقىل بولغاندىن بېرى، پرېزىدېنت ئىمامئەلى راخماننىڭ ھاكىمىيىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقان تاجىكىستان، دېموكراتىيىلىشىش قەدىمىنىڭ ئاستىلىقى بىلەن خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تاجىكىستاننىڭ يېزا ۋە قىشلاقلىرىدىكى ئاھالىلەر نامراتلىقتىن ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پارىخورلۇقىدىن شىكايەتچى. ئىمامئەلى راخمان بولسا ئۆز ھاكىمىيىتىگە قارشى بىر قىسىم ئىسيانچى كۆچلەرنى ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.