خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلنىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا ئەتراپىدا سېمىز ئالاقە سىگناللىرىنى تەكشۈرگەن
خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلنىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا ئەتراپىدا سېمىز ئالاقە سىگناللىرى ۋە ئېلېكتر دولقۇنلىرىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى رايونلارغا كىرىش ئەھۋالنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە ئانالىزلار ئارخىپلاشتۇرۇلغان. تەكشۈرۈش قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن ۋە قىزىلسۇ رايونلىرىنىڭ چەتئەللەر بىلەن تۇتىشىدىغان جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان. تەكشۈرۈشنى خىتاينىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسمى رادىئو دولقۇنلىرىنى باشقۇرۇش ئەترىتى ئۈستىگە ئالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
دائىرىلەر مەزكۇر رايونلاردىكى ئوتتۇرا دولقۇن، قىسقا دولقۇن ۋە مىكرو رادىئو دولقۇنلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. خەۋەردە تەكشۈرۈشنىڭ " جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چېگرا رايونلارنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش" مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئېڭىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇر ئېلىدە غەربتىكى ئەركىن مەتبۇئاتلارنىڭ رادىئو دولقۇنلىرىنى قاتتىق توسۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.