ئىلى دەريا ۋادىسىدا بۇ يىل ياز پەسلىدە ئېغىر چېكەتكە ئاپىتى يۈز بېرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

يەرلىك خەۋەرلىرى تورىنىڭ 15-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە، 5-، 6-ئاي مەزگىلىدە، ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى1 مىليون 300 مىڭ مو دائىرىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ قۇرغاقچىلىق ئاپىتىدىن باشقا، چېكەتكە ئاپىتىگە يولۇقۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان يەر ئاستىدىكى كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى زىيادە ئېچىپ، رايوندىكى ئورمان ھەم يايلاقلارنى ۋەيران قىلىش، دەريا-ئېقىنلارنى بۇلغاش قاتارلىق قىلمىشلار خىتاي كۆچمەنلىرىنى باي قىلىپ يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆز بايلىقلىرىدىن مەھرۇم قىلغاندىن باشقا، رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىدا ئېغىر دەرىجىدىكى بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىمۇ ئۆز بايانلىرىدا، ئەسلىدىنلا سۈيى مول، يېرى مۇنبەت بولغان ئىلى ۋادىسىدا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان «ھالقىما تەرەققىيات رايونى قۇرۇش» نامىدا چارۋىچىلارنىڭ يايلاقلىرى، دېھقانلارنىڭ باغ-ۋاران تېرىلغۇ يەرلىرى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىپ، بۇ جايلاردا يېڭىدىن كېڭەيتىلىپ ئېچىلىۋاتقان كۆمۈر كانلىرى، ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتلىرى ھەم قەغەز زاۋۇتلىرى ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ئېقىن سۇلارنى بۇلغاپ، قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن رايوندىكى مېۋىلىك دەرەخلەرگە قۇرۇت چۈشۈپ، ئاشلىق زىرائەتلەردىن ئېلىنىۋاتقان ھوسۇلنىڭ كەملەپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.