ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسى 8.8 بال بولۇپ، چىلىنىڭ پايتەختى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر مىليون 500 مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلگەن، نۇرغۇن قۇرۇلۇش ۋە سانائەت ئەسلىھەلىرى ۋەيران بولغان. ئېلېكتىر ۋە ئالاقە لىنىيىلىرى ئۈزۈلگەن ھەم سۇ توختىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانىنىڭ بارغانسېرى ئاشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
چىلى يانار تاغ ھادىسىلىرى ۋە يەر تەۋرەش دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان دۆلەت ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە تۈرمە تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى ئۈچۈن 260 دىن ئارتۇق جىنايەتچىنىڭ تۈرمىدىن قېچىپ كېتىش ۋەقەسىمۇ يۈز بەرگەن ئىكەن.
چىلىدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن تىنچ ئوكيان بويىدىكى دۆلەتلەر دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئېغىر دېڭىز بورىنى ۋە تاشقىنى يۈز بېرىپ، ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن مۇداپىئە كۆرۈش ھەققىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، چىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ مىس ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت بولۇپ، يەر تەۋرەش تۈپەيلىدىن مىس كانلىرى توختىغان. بۇ ئەھۋالنىڭ دۇنيادىكى مىس باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.
نۆۋەتتە، خەلقئارا مىقياسىدا چىلىدىكى يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش ھەرىكەتلىرى باشلانغان.