30 دەك ئەرزدار تىبەت، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ سىرتىدىكى بوشلۇقنى ئىگىلەپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ۋەيران بولغان ئۆي-ماكانلىرىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ ئورنىغا «ئېكولوگىيىلىك ساياھەت مەركىزى» قۇرماقچى بولغان يەرلىك دائىرىلەرگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئەرزدارلارنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر تىبەتلەرنى ئاساس قىلغان 600 كىشىنى مەجبۇرىي كۆچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ ئىككى يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر چېدىردا ياشاۋاتقان يەرلىك تىبەتلەر، ئۆي-ماكانلىرىنىڭ يۈيشۇ شەھىرىدىكى ئەڭ قىممەت رايونغا جايلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار باھاسىدا 800 مىڭ سومغا توختايدىغان يەر-زىمىنلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ ئاران 220 مىڭ سوم تۆلەپ بەرمەكچى بولغانلىقىدىن رازى بولمىغان.
ئەرزدارلاردىن باۋباۋ ئىسىملىك بىر تىبەت پۇقراسى، «نېمە ئۈچۈن بۇ كوچىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆي-ماكانى ساقلاپ قېلىنىپ، ئاۋام خەلقنىڭ ئۆي -ماكانى چېقىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمىدۇق» دېگەن.
يەرلىك تىبەتلەر گيېگۇ دەپ ئاتايدىغان مەزكۇر ناھىيىدە 2010-يىلى 14-ئاپرېل يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 3000 دەك ئادەم ئۆلگەن. پۈتكۈل ناھىيىدىكى 80% ئاھالە چېدىردا ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چاپچال قاتارلىق بىر قىسىم جايلىرىغا ئۆي سېلىپ، يۇيشۇ ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم خىتاي ئاھالىسىنى كۆچۈرگەن.
بۇ د ئۇ ق قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئەرزدارلاردىن جامدرول ئىسىملىك يەنە بىر تىبەت رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئەسكەرتىپ، «مەن ھۆكۈمەتكە بۇ زېمىن مېنىڭ ئىكەنلىكىنى داۋاملىق داۋا قىلىمەن. ئۇلار جېنىمنى ئالسىمۇ، بۇنىڭدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن» دېگەن.