مەلۇم بولۇشىچە، خەينەندىكى تولخو تېبابەت ئىنستىتۇتى يېقىندا بىر تەشۋىقات قوللانمىسى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇ قوللانمىدا تىبەت تىلىنىڭ ئەھمىيەتسىزلىكى ۋە تىبەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. قوللانمىدىكى بۇ بايانلار، مەزكۇر ئىنستىتۇتىدىكى تىبەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
رادىئومىز تىبەت بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈنكى نامايىشقا 1000 غا يېقىن ئوقۇغۇچى قاتناشقان. نامايىشچىلار نامايىش داۋامىدا، تىبەتكە ئەركىنلىك ۋە دالاي لاماغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ شوئار توۋلاش بىلەن بىرلىكتە، تىبەت تىلى ۋە تىبەت پىداكارلىرى كەمسىتىلگەن يۇقىرىقى كىتاب كۆيدۈرۈلگەن.
نامايىش ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 20 ئوقۇغۇچى يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە نامايىشتىن كېيىن تۇتۇلغان ياكى سوراق قىلىنغانلارنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.
