خىتاي يېقىندا مەھەللە كادىرلىرىدىكى چېرىكلەرنى جازالاش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنى خەلقئاراغا تارقاتقان ئىنگلىزچە خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەققىدە يېڭى بەلگىلىمە چىقارغان.

خىتايدا ھازىر كوممۇنىست پارتىيىسى چىقارغان بۇ يېڭى بەلگىلىمە، مەخسۇس مەھەللە كادىرلىرى دەپ ئاتىلىدىغان ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىكى چېرىكلىكنى پاش قىلىش ۋە ئۇلارنى جازالاشقا قارىتىلغان. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھازىر ئەڭ چوڭ ئىشەنچ كرىزىسىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ھوقۇقى ئەڭ چوڭ، ئۇلاردا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ يەر ۋە بايلىق توپلاش مەسىلىلىرى ناھايىتى ئېغىر. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەركىزى كومىتېت يېزا دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنى، ئالدى بىلەن مەھەللە دەرىجىلىك كادىرلاردىكى چېرىكلىك مەسىلىلىرىنى باھالاپ چىقىشقا چاقىرغان.