چىرىكلىك خىتايدىكى تۆۋەن كاپالەتلىك تۇرالغۇ پىلانىغا تەھدىت سالغان

خىتاي دۆلەت ئاخباراتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نەچچە مىليارد يۈەن چىقىم قىلىپ يولغا قويغان تۆۋەن كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشى چېرىك ئەمەلدارلار سەۋەبلىك ئەسلىدىكى مەقسىتىگە يېتەلمىگەن.


مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆي - مۈلۈك بازىرىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى تەڭشەش ئۈچۈن 2010 - يىلى 820 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ ئەرزان باھارلىق تۇرالغۇ سېلىش قۇرۇلۇشى باشلىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلغان رايونلاردىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار بۇ خىلدىكى ئۆيلەردىن 10 - 12 يۈرۈشتىن ئىگىلىۋېلىپ، ئۆي ئەسلىدىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرگە تەگمىگەن. بۇ جامائەتنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەزكۇر مەسىلە ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلىغان.